خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ئىككى ھەپتىلىك مۇزاكىرىلەردىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى يېپىلدى. قۇرۇلتاي يېپىلىش ئالدىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى 2858 نەپەر ئەزانىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىدى.
قۇرۇلتاي ئىقتىسادى ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، يېزا - كەنت تەرەققىياتى ۋە دېھقانلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋەدە بەرگەن. ۋېن جياباۋ قۇرۇلتايدا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دېھقانلار مەسىلىسىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي دېھقانلىرىغا يەر زېمىن ئېچىش نامى ئاستىدا دىېقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەر ۋە ئۆي ماكانلىرىنى قانۇنسىز تارتىۋېلىش ئەھۋالىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ۋە يېزىلار بىلەن شەھەر ئارىسىدىكى زور پەرقنى تۈگىتىشكە ۋەدە قىلدى.
ب ب س نىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى باي - كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ چوڭىيىشى، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى ۋەمۇھىت مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر بولغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەر خىتايدا مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي دېھقانلار مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زىددىيەتلەر تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولۇپ، سىياسى ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى يولغا قويۇلمىغىچە تۈزەلمەيدىكەن. (ئەركىن)