بۇ يىل كۈزدە ئۆتكۈزىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسى 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئەمەلىيلىشىش باسقۇچىدا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازى تور بېتىدە، قۇرۇلتاي تەييارلىق گۇرۇپپىسىغا جياڭسۇ پارتكوم سېكرېتارى لى يۇئەنچياۋ بىلەن شەنشى ئۆلكە باشلىقى يۈ يۇجۈنلەرنىڭ سەپلەنگەنلىكى ھەمدە كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي دوكلات تەييارلاش ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە باشلىغانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىندى.
مۇلاھىزىچىلەر، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان كومپارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا يېڭى سەپلىنىدىغان رەھبەرلەر ھەققىدىكى ھىكايىلەرنىڭ تارقىلىشى خىتاي جەمئىيىتىدە ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىدىكى ئىككى كىشىنىڭ مەركىزىي ئورگاندىكى سىياسىي بيۇروغا كىرىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، 50 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى دەسلەپكى تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن شۇنىڭدەك سىياسىي ئۆلچەملەر بىلەنلا ئەمەس كەسپىي تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر چوڭ بوران - چاپقۇنلۇق ئىسلاھاتلارنى قىلالمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا سىياسىي سەھنىدە ھەرىكەت قىلالايدىكەن.
خوڭكوڭلۇق خىتاي ئوبزورچى خې لياڭلياڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن "يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - ھەتتا 19 - قۇرۇلتايلىرىدىن كېيىن خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ" غانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (مېھرىبان)