بېيجىڭدە ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن تۆرت تۈرلۈك تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ماقۇللىغانلىقىغا ئىككى يىل توشقان كۈنىدە، ئامېرىكا ستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى جوھن خامر ئەپەندىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۆت تۈرلۈك تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويغان.

چېن شۇيبيەننىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى تەيۋەن بوغۇزىنى تەيۋەن، ئامېرىكا، خىتاي ئۈچ تەرەپ ئورتاق باشقۇرۇش؛ خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قويۇلغان قورال يۆتكەش چەكلىمىسىنى داۋاملاشتۇرۇش؛ خىتاينىڭ ھەربىي قىسملىرىنى تەيۋەنگە ئوخشاش دۆلەت ئارمىيسىگە ئايالاندۇرۇش؛ خىتايدا كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم ۋە دېموكراتىك سايلام يولغا قويۇپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئومۇم خەلق بىۋاستە سايلاپ چىقىش دېگەن تۆرت ماددىدىن ئىبارەت.

چېن شۇيبيەن تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچ ۋە مۇقىم ۋەزىيەت شەكىللەنمەي كېلىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەپى ھەققىدە توختالغاندا، خىتايدا كىشىلىك ھۇقۇق ياخشىلانماي كېلىۋاتقانلىقى، خىتايدا ھەتتا خەلق ۋەكىللىرىمۇ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سايلانماي كېلىۋاتقانلىقى، دۆلەت ئارمىيىسى بىر كوممۇنىست پارتىيە ئارمىيىسى بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەنقىت قىلغان. (ۋەلى)