خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلى سوراق جەريانىدا ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەن جازالىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىنى سىنئالغۇغا ئېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ زۇۋانى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قۇرۇلتاي ۋەكىلى يۈي مىننىڭ " گەرچە بەزى تۈزىتىشلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەدلىيە ساھەسىدە تەن جازاسى ئىشلىتىش مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت " دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۈي مىن " شۇنىسى ئېنىقكى پەقەت ئەدلىيە خادىملىرىدىن كاللىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. تەن جازاسى بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك " دەيدۇ. ئەمما يۈينىڭ قۇرۇلتايغا تەن جازاسىنى چەكلەيدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇش پىلانى بار - يوقلىقى ياكى بۇنى پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى روشەن ئەمەس.
خىتاي دائىرىلىرى 1996-يىلى تەن جازاسىنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسىغا قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت نازارەتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەن جازاسى خىتايدا ئومۇميۈزلىك ئىجرا قىلىنماقتا. بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇلماقتا. قۇرۇلتاي ۋەكىلى يۈي مىن يىغىندا "شى شياڭلىن ۋەقەسىنى" تىلغا ئالغان. شى شياڭلىن 1994 - يىلى ساقچىلار تەرىپىدىن ئايالىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، 10 يىل تۈرمىدە يېتىپ ئۆتكەن يىلى ئايالىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئاقلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەينى چاغدا ساقچىلار ئۇنى قاتتىق قىيناپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرغان.
بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى، ئىلياس زوردۇن قاتارلىق ئۇيغۇرلار قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. ئىلياس زوردۇن سوتلانغاندا ئىقرانامىسىنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا مەجبۇرى ئېلىنغانلىقىنى ۋە جىنايىتىنى رەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغان ئىدى. (ئەركىن)
