خىتاي ئامېرىكىدىن ياڭيۇ ياپراقچىسى ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ پروكتېر گامبلە (Procter & Gamble) شىركىتىنىڭ ياڭيۇ ياپراقچىلىرى تەركىبىدە چەكلەنگەن خىمىيىلىك ماددىلار بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي توسۇپ قالغان بۇ بىر بۆلەك ياڭيۇ ياپراقچىلىرى تەركىبىدە خىتايدا چەكلەنگەن كالىي گىدروكسىد ماددىسى بايقالغان بولۇپ، ئەمما بۇ ماددا ئامېرىكىدا چەكلەنمەيدىكەن.

ئامېرىكا پروكتېر گامبلە (Procter & Gamble) شىركىتىنىڭ خىتايدىكى باياناتچىسى خىتاي مال ئىمپورت قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەپ، ياڭيۇ تەركىبىدە بۇ ماددىلارنىڭ بولۇشىنىڭ مەزكۇر شىركەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇغىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خىتايدا ئىشلىگەن يېمەك ‏- ئىچمەك ۋە ئويۇنچۇق بۇيۇملىرىدا ئادەمگە زىيانلىق ماددىلار بايقالغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ماللىرىغا نىسبەتەن بىر خىل ئاگاھ بولۇش تۇيغۇسى شەكىللەنگەندىن كېيىن، خىتايمۇ ئۆز ئالدىغا چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار ئۇستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن خىتاي بۇ يىل ئىيۇندا، ئامېرىكا P&G شىركىتىدىن ئىمپورت قىلىنغان 95 كىلوگرام ياڭيۇ ياپراقچىلىرىنى تەركىبىدە كالىي گىدروكسىد ماددىسى بار دەپ توسۇپ قالغان ئىدى.

P&G شىركىتىنىڭ خىتايدىكى باياناتچىسى چارلېز جاڭنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار مەزكۇر شىركەت تەكشۈرۈپ بېكىتكەن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىمپورت قىلىنمىغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن "بىز شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالايمىزكى، مەھسۇلاتلىرىمىز بىخەتەر بولۇپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە توشىدۇ" . چارلېز جاڭ يەنە، ئۆز شىركىتىنىڭ خىتاي ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان مەھسۇلاتلار ئۈستىدىن ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان. (جۈمە)