خىتاي "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلالامدۇ ؟


2006.04.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايدا باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ جىددىي كېڭىيىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 11 - بەش يىللىق پىلان جەريانىدا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان " ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" پىلانىغا جىددىي تەھدىت سالماقتا.

شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ كىرىم پەرقى دۇنيادىكى كىرىم پەرقى دەرىجىسى ئوتتۇراھال دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ " جۇڭگو ھۆكۈمىتى 11 - بەش يىللىق پىلاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسى ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى" ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىرىم پەرقىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە "ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكى سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش " ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە " پۇلدارلار" نىڭ مەبلەغ سېلىش، بايلىق يارىتىش قىزغىنلىقى سەۋەبچى بولماقتا. خىتاي ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، باي- كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ نورمال چەكتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بەزى چارە - تەدىبلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا تەبىقە سىنىپىنى كۈچەيتىش زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىكەن. لېكىن بەزى ئانالىزچىلار ، ئوتتۇرا تەبىقە سىنىپىنى كۈچەيتىش نەتىجىسىدە خىتايدا دېموكراتىيە تەلىپىنىڭ توسىۋالغىلى بولمايدىغان بىر ئېقىمغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.