خىتاي ئامېرىكىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى دوكلاتىغا قارشى چىقتى

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىشىنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12 - ئاپرىل كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە " تىبەت مەسىلىلىرى سۆھبىتىنىڭ يىللىق دوكلاتى" نى سۇنغان ئىدى. دوكلاتتا، پرېزىدېنت بۇش ۋە باشقا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتكەنكى بىر يىلدىن بۇيان خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا تەرەپ دوكلاتتا يەنە، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانى " خىتاي ئۈچۈن رايۇنلۇق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىمسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا پايدىسى بار بىر ھەمراھ" دەپ تەسۋىرلىگەن. دوكلاتتا شۇنداقلا، " ئەگەر خىتاي دالاي لاما بىلەن ھەمكارلاشماي، تىبەت دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسا، بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئورنۇتۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ" دىيىلگەن.

بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەت ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۈچىنچى يىللىق دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر دوكلات چەتئەلدىكى تىبەتلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتىنى " سۆزلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان" ھەمدە " ھەقىقەتتىن چەتنىگەن" دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تىبەتنىڭ " مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقنى" ۋە تىبەت مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. (ئارزۇ)