خىتاي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاينىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تەھدىت، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى سكوت مىكلىلان، " بىز يەنىلا بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغلىشىمىز، ئەمما بۇ بىزنىڭ خىتاينى تەھدىت دەۋاتقانلىقىمىز، دەپ قارالماسلىقى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما مىكلىلاننىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش كۆلىمى ۋە قەدىمىگە دىققەت قىلماتىكەن.

شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاپ باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېتىر پېيىس، " دۇنيادا ئۇرۇش قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، ئەمما بۇ خىل نىيىتى بار دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس،" دەپ تەكىتلىدى. ئۇ، " بىزنىڭ خىتاينى ئۇرۇش قوزغاش نىيىتى بار دۆلەت، دەپ قارىشىمىز ئۈچۈن بىر سەۋەبىمىز يوق،" دەپ ئەسكەرتكەن.

شۇ كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ مۇۋەققەت ۋاكالەتچىسىنى چاقىرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى. ياڭ جيېچى، ئامېرىكىنى "جوڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىش" بىلەن ئەيىبلىگەن.

يېقىندا جوڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىئىڭ ئىلمىي مۇدىرى گېنېرال مايور جۇ چىڭخۇ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەنگە ئارىلاشسا، يادرو قوراللار بىلەن زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (ئەركىن)