خىتاي، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى ھەمدە ئۇزۇن يىللىق ئادىتى بويىچە ئامېرىكىنى ئىككى خىل ئۆلچەم قويدى دەپ تەكرار ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10‏-دېكابىر شەنبە "خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. دوكلاتتا، " كۇبادىن خىتايغىچە، بېلارۇستىن بېرمىغىچە، ئۆزبېكىستاندىن زىمبابۇۋىگىچە ۋە ئىراندىن شىمالىي كورىيىگىچە بولغان جايلاردا يۈرەكلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى داۋاملىق دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ ۋە تۈرمىگە سولىنىۋاتىدۇ" دەپ يېزىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىگە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىدۇ" دەپ بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىدە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بار" دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلىقىنى مىسال قىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى لۇئىس ئاربۇر ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا باشلىغان تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى يېتەكچى رولىنى ئاجىزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس ئامېرىكىنىڭ تۇتقۇنلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، بۇنى "تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قانۇنلۇق ھەرىكەت" دەپ كۆرسەتتى. (پەرىدە)