خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىنى رەت قىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى،18‏- يانۋار كۈنى 2006‏- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان دىنىي مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، كۇڭ چۈەن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىنىڭ خاتا مەلۇماتلارغا تايانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدۇ، دېدى. (قانات)