ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون نىگرىپونتې ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىدى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلانماقتا، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، " جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش پرىنسىپىنى جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە " ، " جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن خەلقنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتتى " دەيدۇ. جون نىگرىپونتى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋالىقتىن ئۆتۈپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش خىتايدا مۇقۇمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ۋە بۇ ئۇلارنىڭ تاشقىي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئۈزلىكسىزلىكىنى ساقلاش، پۇقرالارغا خىزمەت تېپىپ بېرىش ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش بولۇپ، ئۇ " خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد، ئەدلىيە، مائارىپ، مۇھىت سېستىمىسى ۋە خىيانەتچىلىك قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك " دەيدۇ.
خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ھەربىي تەرەققىياتى، سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇش، خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى پاسسىپ بالانىس قاتارلىق ئامىللار ئامېرىكىنى ئەندىشىگە ساقلماقتا ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ كېلەچەكتىكى " يوشۇرۇن رەقىبى " دەپ ئاتىغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋنىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي - ئامېرىكا ئىستىراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسۋىتىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پۇرسەت، دەپ قارالماقتا ئىكەن. (ئەركىن)