خىتاي، نېفىت ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى


2006.04.28

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى غەرب ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئورگانلىرىنىڭ جوڭگو نېفىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئۆلچىمىگە سەل قارىماقتا ۋە خىتاي بىلەن نېفىت سودىسى قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمماقتا، دېگەن تەنقىدىنى رەت قىلدى. لېكىن غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقىغا زىيانكەشلىك قىلغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، "غەرب ئەللىرىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ جوڭگو نېفىت مەنپەئەتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى قىممەت قارىشىنىڭ ئۈستىگە قويدى، دېگەن ئەيىپلىشى پاكىت ئاساسىغا تايانمىغان" دەيدۇ.

چىن گاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگونىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن نورمال سودا - ئىقتىسادى ۋە نېفىت ھەمكارلىقى ئېلىپ بارماقتا، ئىكەن. ئۇ ، جوڭگونى غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى زوراۋانلىقىنى سادىر قىلمايدۇ، دېدى. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، كىشىلىك ھوقۇقى ناچار دۆلەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسى خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق پرىنسىپى بويىچە سودا - ئىقتىسادى پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ يۇقىرىقى دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى" دەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ئەنجاندىكى نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى " ئېتنىك تازىلاش،" دەپ ئەيىبلەنگەن توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇدانغا ئىمبارگو قويۇشىنى خالىمىغان. بۇ ئىككى دۆلەت خىتاي بىلەن نېفىت ۋە تەبىي گاز ھەمكارلىقى چوڭقۇر دۆلەتلەر ئىدى.

چىن گاڭ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "جوڭگو مەسئۇلىيەتچان دۆلەت،" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جوڭگونىڭ نېمىشكە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 4 نەپەر سۇدان ئەمەلدارىغا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ساياھەت ئىمبارگوسى قويۇش قارارىنى رەت قىلغانلىقىغا جاۋاپ بېرىشنى خالىمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.