خىتاي ھۆكۈمىتى كەسپىي خادىملارنى ياللاپ، ئىنتېرنېتتە پىكىر بايان قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ تالاش- تارتىشتىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىر يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئىنتېرنېتتە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مەخسۇس بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى نۆۋەتتە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سوچيەن شەھىرىدە تۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېنتىرنېت تور بەتلىرىدىكى چايخانا ۋە ياكى ئۇچۇر تاختىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدىسىز پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا، ھۆكۈمەتنى ئاقلاش ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سوچيەن شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىچىدىن سىياسەتنى چۈشىنىدىغان ھەمدە سىياسىي جەھەتتىن " ئىشەنچىلىك" بولغان كىشىلەرنى تاللاپ، بۇ خىزمەتكە قويغان.
نۆۋەتتە خىتايدىكى ئېنتىرنېت قوللانغۇچىلارنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، سان جەھەتتىن دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. (ئارزۇ)