Yahoo بېيجىڭنىڭ ئۆكتىچى مۇخبىرنى تۇتۇشىغا ياردەملەشتى دەپ ئەيىبلەندى

باش شتابى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىكى Yahooئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ، خىتاينى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئىنتېرنېتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىشىنى تەنقىد قىلغان بىر مۇخبىرنىڭ تۇتۇلۇشىغا يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا بىلدۈرىشىچە، مۇخبىر شىتاۋ بۇ يىل 4 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "چەتئەلگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق كېسىلگەن. ھالبۇكى Yahoo ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تارماق شىركىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە شىتاۋنىڭ تور بېتىدىكى خەت ساندۇقىنىڭ ئادرىسىنى تېپىپ بەرگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىتاۋنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىدا ساقلانغان خەت- چەكلەرگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

Yahoo ۋە ئامېرىكىدىكى باشقا چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن Google، Microsoft لار خىتايدىكى بازارنى جىددىي تالاشماقتا. ئەمما بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خىتاي تىلىدىكى ئىزدەش پونكىتى ۋە تور بەتلىرىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى سۈزمەكتە دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

بۇ ئارىدا، Yahoo شىركىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى باياناتچىسى، ئۆزلىرىنىڭ شىتاۋنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)