خىتاي ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. گەرچە خەۋەردە ھەر قايسى بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلسىمۇ، ئەمما بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ، ئىنتېرنېتتىكى بارلىق خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇنىڭ، خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئىنتېرنەتكە چىققۇچىلارنى نازارەت قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، يېڭى چىققان بەلگىلىمە بويىچە پەقەت "دۆلەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەمدە ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار" نىڭ ئىنتېرنەتتە بېسىلىشىغا يول قويىلىدىغانلىقىنى يازغان. خەۋەردە يەنە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان ئىنتېرنېت پونكىتلىرىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتايدا ئىنتېرنەتكە چىققۇچىلارنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ، ئىنتېرنېتكە چىققۇچىلار سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. (پەرىدە)