خىتاينىڭ ئىنتېرنېت خەۋەرلىرىنى كونترول قىلىش تەدبىرى ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا خەۋەر ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا جىددى دىققەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىدە خەۋەر پونكىتلىرى، ئىنتېرنېت ۋە قول تېلېفونىدا ئۇچۇر يوللىغۇچىلار، "ساغلام بولمىغان خەۋەرلەر" نى يوللىسا، ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مېككورماك مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، "ئۇچۇر ۋە سۆز ئەركىنلىكى ھەر قانداق جەمئىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا بۇنى ھەممىباپ ئۆلچەم، دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ھوقۇقنى بارچە ئاۋازى بىلەن قوللايدۇ،" دېدى.

مېككورماكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئۇچۇر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشقا جىددى تۈردە دىققەت قىلىدىكەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، "ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىلىرىنى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)