خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتىدىن ئىنتېرنېتتىكى ھەقسىز تېلىفوننى توسىيالايدىغان كومپيوتېر يۇمشاق دىتالىنى سېتىۋالدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا Verso تېخنىكا شىركىتى دۈشەنبە كۈنى خىتايغا، خەلق ئىچىدە ئىنتايىن ئوموميۈزلۈك ئىشلىتىۋاتقان Skype قا ئوخشاش ھەقسىز ئىنتېرنېت تېلېفونىنى توسىيالايدىغان يۇمشاق دېتال سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايغا سېتىپ بەرگەن سىناق يۇمشاق دىتالى، كومپىيوتېردىن سىملىق تېلىفونغا ۋە كومپىيوتۇردىن كومپويوتۇرغا ئۇرغىلى بولىدىغان ھەقسىز تېلىفونلارنى توسىيالايدىكەن. بۇ شىركەت خېرىدارنىڭ تەلىپى بويىچە، باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا، بېيجىڭ سودا گېزىتىدە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون مۇلازىمەت شىركىتى بولغان خىتاي تېلىگىراف شىركىتىنىڭ قول ئاستىدىكى قىسمەن شىركەتلەرنىڭ زور زىيانغا ئۇچراپ تاقىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭدا ھەقسىز تېلېفون مۇلازىمەتلىرىنىڭ شىركەتنىڭ سودىسىنى كاساتلاشتۇرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭجۇ ۋە شىنجىندا ھەقسىز ئىنتېرنېت تېلېفونلىرىنى توسۇشنى سىناق قىلماقتا. ئەگەر توسۇش سېستىمىسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلسە، خىتاي تېلېگىراف شىركىتى بۇ يېڭى تېخنىكىنى كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئورنۇتۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. (ئارزۇ)