مارگوت: ياۋروپا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىغا ياردەم قىلماقتا
2005.12.20
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارگوت ۋالسچوم ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلىرىنى، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى.
مارگوت ۋالسچوم، دۇنيادىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق چوڭ شىركەتلەردىن Microsoft، Google ۋە Yahoo قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خىتايغا ياردەملىشىپ، "دېموكراتىيە"، "ئەركىنلىك" ۋە "كىشىلىك ھوقۇق" دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتە توساپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ سۆزىدە، "قارىغاندا بەزى شىركەتلەر ئۆزىنىڭ تىجارەت ئۆلچىمىدىن 'ئەخلاق' ۋە 'جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى' دېگەن سۆزلەرنىمۇ چىقىرىۋەتكەن ئوخشايدۇ" دېدى. ئۇ يەنە، مۇشۇنداق تېخنىكىلىق شىركەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا قايتىپ كېلىشكە ئۈندىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارگوت ۋالسچوم، يۇقىرىدىكى مەشھۇر ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ كۈچىنىڭ بېرىچە خىتاينى رازى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ دوكلاتنى يېزىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتە ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇشنى توسماقچى
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينى ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى توختۇتۇشقا چاقىردى
- خىتاينىڭ ئىنتېرنېت خەۋەرلىرىنى كونترول قىلىش تەدبىرى ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- خىتاي ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى
- Yahoo بېيجىڭنىڭ ئۆكتىچى مۇخبىرنى تۇتۇشىغا ياردەملەشتى دەپ ئەيىبلەندى