مەركىزى فرانسىيىدىكى خەلقارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، 8 - ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنتېرنېت تور بەتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان نازارىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مەسئۇلى Vincent Brossel ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ، تيەنئەنمىن ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 17 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ، گوگول تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە بۇ ھەقتىكى ماقالىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلانغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوگول تور بېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرالمىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، يالغۇز خىتاي ئۈچۈن ئېچىلغان تور بەتلىرىگە قارىتىلغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان تور بەتلىرىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
بولۇپمۇ ئېنتېرنېت ساقچىلىرىدىن بىزار بولغان ئېنتېرنېت مۇشتىرىلىرى، ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان شەخسى قاراشلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىكەن. ئىكراندا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار چىقىشى بىلەن ئېنتېرنېت ساقچىلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تور مۇشتىرىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە ، ئۇيغۇرلار يەنە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى شۇنىڭدەك چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈزگەن تور بەتلىرىنى كۆرەلمەيلا قالماستىن ،، ئەگەر بۇ مەيدانغا كىرگۈچىلەر پاش بولۇپ قالسا دەرھال ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدىكەن. (ئەقىدە)