كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوغداش لايىھىسىنى قوللىدى
-
2006-07-19 -
-
-
خەلقئارادىكى 14 چوڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سمىسنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنغان " دۇنيا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى لايىھىسى" نى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ بىرلەشمە بايانات، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، خىتاي ئۇچۇر مەركىزى ۋە دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسى قاتارلىق 14 خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان بۇ لايىھىدە، ئامېرىكىدىكى ماكروسوفت، ياخۇ ۋە گۇگۇلغا ئوخشاش داڭلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي باشچىلىغىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغىشىغا ياردەملىشىشنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ لايىھىدە يەنە، ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تورغا چىققۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرنى تەمىنلىگەن ھەر قېتىملىغىدا، ئۇلارغا 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن. بۇ لايىھىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى گەرچە، خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت كونتروللىقىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، لېكىن قانۇن بىلەن ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇنداق جازالاشنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈم ھاسىل قىلالىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى Yahoo شىركىتىنى جوڭگودا ئاخبارات كونترول قىلىشنى يولغا قويماقتا، دەپ ئەيىپلىدى
- خىتاي ئېنتېرنېت تور بەتلىرىگە قاراتقان نازارىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە
- Google خىتايدا رۇخسەتسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاينىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى بارغانسېرى كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە چەك قويماقچى