خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر "ئىنتېرنېت قارا تىزىملىكى" نى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى 200 مىڭدىن ئوشۇق ئۆكتىچىنى نازارەت قىلماقچى ئىكەن.
بۇ تىزىملىك، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن مەزكۇر تىزىملىككە چۈشكەن ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكىتىدە ئىشلىتىدىغان يېڭى تېخنىكىلىرى بىلەن تورغا چىققۇچىلارنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلالايدىكەن ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى سىرتقا ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرىنى قاتتۇرۇپ قويالايدىكەن.
خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تۈزۈپ چىققان بۇ "ئىنتېرنېت قارا تىزىملىكى" كە "ئەكسىلئىنقىلاپچى" ۋە " دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان" دەپ ئەيىبلەنگەن ئۆكىتىچى زاتلار شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز دىنىي تەشكىلاتلارنى قۇرغان غوللۇق كىشىلەر كىرگۈزۈلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بوغىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا دۇنيادىكى داڭلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىمۇ خىتايغا بۇ ھەقتە ياردەم قىلماسلىققا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سمىس يېقىندا دۆلەت مەجلىسىگە ئەگەر بۇ شىركەتلەرخىتايغا ياردەم قىلسا، ئۇلارغا ئىقتىسادىي جازا بېرىش تەلەپ قىلىنغان بىر پارچە قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشقا سۇندى. (پەرىدە)