خىتاي دائىرىلىرى "خىتاي ئەسىرى" تور بېتىنى تاقىدى
2006.07.26
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئەركىن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن خىتايدا كۆزگە كۆرۈنگەن "خىتاي ئەسىرى" ناملىق مۇنازىرە تور بېتىنى تاقىۋەتكەن.
"خىتاي ئەسىرى" تور بېتى 2000- يىلى بېيجىڭ بىلەن خىتايدىكى مەدەنىيەت تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىيەت، ئىقتىسات، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكىغا ئائىت تېمىلاردىن سىرت يەنە، خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئاساس قىلغان تېمىلار مۇنازىرە قىلىنىدىكەن. شۇنداقلا خىتايدىكى نۇرغۇن زىيالىيلار بۇ تور بېتىدە ئۆز ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن.
ئەمما 25-ئىيول كۈنى بۇ تور بېتىدە "مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن بۇ تور بېتى تاقىۋېتىلدى" دېگەن ئېلان چىققان. بۇ تور بېتىدە كەڭ دائىرىدىكى تېمىلاردىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ئەركىن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاچقا، تورغا چىققۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تىزىملاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ مەزكۇر تور بەت مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى ئۇلارغا ئۇچۇر تارقىتىش رۇخسەت كېنىشكىسىنى بېجىرمىگەن دەپ بۇ بەتنى تاقاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقى نۆۋەتتە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان ئورۇنلار ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئىنتېرنېت قارا تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوغداش لايىھىسىنى قوللىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، مەتبۇئاتنىڭ جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئىشىنى تېخىمۇ چىڭ كونترول قىلشىنى پىلانلىماقتا
- " نيۇ - يورك ۋاقتى"گېزىتى تەتقىقاتچىسى جاۋ يەن ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىلدى
- خىتاي ئېنتېرنېت تور بەتلىرىگە قاراتقان نازارىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە