خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتە كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن بايان قىلغان 3 كىشىنى قولغا ئالدى


2006.09.20

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ماقالە ئېلان قىلغان، گو فېيشىئۇڭ، جاڭ جەنخۇڭ، چېن شۇچىڭ ئىسىملىك ئۈچ نەپەر كىشىنى " دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان " دەپ قولغا ئالدى.

مەركىزى فرانسىيىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۈچ كىشىگە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان، قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللانغان دېگەندەك گۇناھلارنى ئارتقان. ئامېرىكا مەركىزى ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئۈچ كىشى مۇشۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتايدا يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئىنتېرنېتتە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشاش سەۋەب بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلار نەچچە ئونغا يەتكەن.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخباراتىنىڭ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېمۇكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچىلارنى بېسىپ، دەخلى تەرز قىلىپ ھەتتا قولغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى ئۇلاردا يەنىمۇ ئەندىشە قوزغىماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.