'رويترس ئاگېنتلىقى' نىڭ 23 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت جەمئىيىتى دېگەن تەشكىلات 'گەردە جوڭگو ئۇچۇر سانائىتى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى 'بلوگ' دەپ ئاتىلىدىغان تور پونكىتلىرىدا ھەقىقىي ئىسىم-ئادرېس قوللىنىش كېرەك دېگەن سىياسىتى تېخى ئىجرا قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ ئۆزىلا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى' دەپ بايان قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا 'بلوگ' دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتېرنېت پونكىتلىرىنىڭ سانى ھازىر 120 مىليونغا يەتكەن، ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر خىتايدا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 مىليون 500 چوڭ ئادەم بۇنداق ۋاستە ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىدۇ. يېقىندا قوزغالغان مۇنازىرىدە بولسا، بىر قىسىم تورداشلار ئىنتېرنېتتا چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم -ئادرېس قوللىنىپ پىكىر بايان قىلىش لازىم دەپ تەكىتلىسە، يەنە بىر قىسىم تورداشلار، ئەگەر بۇنداق قىلىنسا، تورداشلارنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش كېلىپ چىقىدۇ، تورداشلار پىكىر بايان قىلىشتا ئەركىن بولالمايدۇ، دەپ تەكىتلىمەكتە. گەرچە ھازىر بۇ مەسىلىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقان ھەر تەرەپ تېخى بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا پىسەن قىلماي، يەنىلا ئۆز سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە. (ۋەلى)