رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6 - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇندىن كېيىن خىتايدا ئىنتېرنېت تورخانىسى ئېچىش تەستىقلانمايدىكەن.
مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى تورخانىلارغا بولغان باشقۇرۇش ياكى يېڭىدىن ئىچىشقا روخسەت بېرىلمەسلىكتىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، خىتايدىكى 18 مىليون تور پايدىلانغۇچىلىرىنىڭ 13 پىرسەنتى قورامىغا يەتمىگەنلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشى بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا نۇرغۇن ئاتا- ئانىلارنى خاتىرجەم قىلغاندەك تۇيغۇ بەرگەن.ئەمما، خىتايدا تور خانىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئۆسمۇرلەرنىڭ تورخانىغا كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدا ئاللىبۇرۇن قارار ئېلىنغان بولسىمۇ ، خىتايدىكى بۇ قارار پەقەت قەغەز يۇزىدىكىلا نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان، قورامىغا يەتمىگەنلەر خىتايدىكى تورخانلارنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قېلىۋەرگەن ئىدى.
باش شتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان، تېخنولوگىيە ئۇچۇرلىرى شىركىتىنىڭ تور بىتىدىكى "خىتايدىكى تورخانلارنى چەكلەش ئۇنۈمسىز بولماقتا" دېگەن ماقالىدە باشقىچە قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ تورخانىلارنى چەكلىشى ئاتا-ئانىلارنى خوش قىلغان ۋە خۇددى پەرزەنتلىرى قوغدالغاندەك رازى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل چەكلەش تەتۈر ئۈنۈم بېرىپ يەر ئاستى تور خانلارنىڭ ئېچىلىشىغا كەڭ يول ئاچىدىكەن.
بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت بىلەن ئىپى كىلىشمەيدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم.ھۆكۈمەت سودا ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ راۋاج تېپىشى ئۇچۇن ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىشكە يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە پايدىسىز ھەر قانداق ئامىللارنىڭ تور ئارقىلىق مەيدانغا چىقىپ قېلىشىدىن بەك قورقۇپ كەلدى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تورنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان ساقچىلارنى بەلگىلىگەن" .
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېڭىدىن تورخانا ئېچىشقا چەك قويۇشى، تورخانىلارنىڭ خىتاي مىقياسىدا يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەم خىتاي خەلقى بىلەن سىرتقى دۇنيا ئارىسىدىكى ئالاقە يولىنى ئۈزۈش ئىكەن. خىتايدا ھازىر 113 مىڭ ئەنگە ئىلىنغان ئىنتېرنېت تورخانىسى بار .
ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇرۇن تەستىق بېرىلگەن تورخانىلارنىڭ رەسمىيىتى 2007-يىلى 30-ئىيونغىچە تاماملىنىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. (جۈمە)