خىتاي ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى

يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىنتېرنېت تېخنىكىسى خىتاينىڭ تور ئالاقىسىگە بولغان كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە تەقىب قىلىش ئىشلىرىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا، مۇشۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن ھالدا ئىنتېرنېت يېزىقچىلىقى ۋە تور ئاخباراتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە سىياسىتىگە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان خاھىشلار كۈنسايىن ئاشقان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 13 ‏-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنتېرنېت يېزىقچىلىقى ۋە تور ئاخباراتچىلىقىغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىتاي يەنە ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان تەقىب قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى.

خىتاي نەشرىيات ۋە ئاخبارات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇڭ شىنمىن مۇنداق دەيدۇ، " ئىلغار ئىنتېرنېت يېزىقچىلىقى ۋە تور ئاخباراتچىلىقى تېخنىكىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئېنتىرنېتنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئىشلىرىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا ".

بۇ يىل يانۋاردا خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ " ئىنتېرنېتنى تازىلاش" قا چاقىرغان. لۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى" تېخىمۇ ساغلام ۋە ئاكتىپ ئىنتېرنېت مۇھىتى ھازىرلاش" ئۈچۈن، يىڭى بىر ئىنتېرنېت تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ئېنتېرنېتكە بولغان تەقىب ۋە كۆزىتىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدىغان 30 مىڭدىن 40 مىڭغىچە "ئىنتېرنېت ساقچىسى" بار ئىكەن.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆزەتچىسى "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" خىتاي ھۆكۈمىتىنى " ئىنتېرنېت دۈشمىنى" دەپ ئاتايدۇ. ئۆتكەن يىلى خىتايدا 52 ئادەم ھۆكۈمەت تەرەپ "نامۇۋاپىق" دەپ قارىغان پىكىرلەرنى توردا بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. (جۈمە)