خىتايدا تور پونكىتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىندى
2005.06.07
خىتايدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر، مەملىكەت ئىچىدىكى تور پونكىتلىرىنى چوقۇم تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىسىدا ھۆججەت تارقىتىپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان تور پونكىتلىرىنى تاقايدىغانلىقى ياكى ئېغىر جەرىمانە قويۇدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ئۇچۇر ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتى بويىچە، تىزىمغا ئالدۇرمىغان تور پونكىتلىرىغا كۆپ بولغاندا بىر مىليون يۈئەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خۇسۇسىيلار باشقۇرۇشىدىكى ياكى تىجارەت خاراكتىرىگە ئىگە بولمىغان تور پونكىتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كىملىكىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك. تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ ئاخىرقى چېكىنى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دەپ بېكىتكەن. ھازىرغا قەدەر خىتايدا مەملىكەت ئىچىدىكى 74 ٪ تور پونكىتى تىزىمغا ئېلىنغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتايدا ئىنتېرنېت قوللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 87 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە تور پونكىتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتمەكتە.
مەركىزى پارىزدىكى "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" تور پونكىتلىرىنى تىزىمغا ئېلىش بەلگىلىمىسى، تور پونكىتى قۇرغۇچىلارنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. مەزكۇر ئورگان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تور پونكىتلىرىنى كۆزۈتۈش ۋە بايقاش تېخنىكىسىنىڭ ئىلغارلىقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سىنگاپور مۇخبىرى خىتايدا قولغا ئېلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كەسپىي خادىملارنى ياللاپ، ئىنتېرنېتتىكى مۇنازىرىلەرگە ئارىلاشماقتا
- ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي مۇخبىرنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشى چەكلەندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى سەزگۈر تور بەتلەرنى توسىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى Google ئىنگىلىز تىلى خەۋەر تور بېتىنى پىچەتلىدى