خىتايدا خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ جىنايەتلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە


2007.02.01

يېقىندا خىتاي مەركىزى تەشكىلات مىنىستىرلىقى، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ جىنايەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 121 دىلونى پاش قىلىپ، مەسئۇليىتى ئېغىر 192 كىشىنى جازالاش بىلەن بىرگە دىلوغا چېتىشلىق 613 ئادەمنى تارتىپ چىققان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2006 ‏-يىلى 8 ‏- ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يىڭدﯤ شەھىرى بولو بازارلىق ھۆكۈمىتىدە مۇلازىمەتچىلىك قىلىدىغان لى شىياڭ، پارتكوم ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىش ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ، بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى شېنجىڭ باشلىق 6 كىشىنى ئۆزى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا سېتىۋالغان. گەرچە لى شىياڭنىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي مەزكۈر دىلو پاش قىلىنغان.

بۇ ئارىدا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى، پارتىيە ئىچىدە نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاشقا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق جىنايەت پاش قىلىش ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق دىلونىڭ پاش قىلىنىپ، 1209 ئادەمنىڭ پارتىيە ئىچىدە جازالانغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي زىياننىڭ 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ يەرلىك ھۆكۈمەتكىچە كۆپىيىۋاتقان خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ جىنايەتلەر، كومپارتىيىنى ھالەكەت گىرداۋىغا باشلايدىغان تۈپ ئامىل دىيىشمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.