خىتاي، خەلق پۇلى قىممىتىنى مونوپول قىلىش ھەققىدىكى ئەيىپلەشنى رەت قىلدى


2004.10.20

خىتاي پۇل مۇئامىلە ئورگىنى چارشەنبە كۈنى "ھۆكۈمەت خەلق پۇلى قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتىۋالدى" دېگەن قاراشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو شۇچىڭ، خىتاي دائىرىلىرى گېزىتى بولغان "خىتاي كۈندىلىك گېزىتى" دە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن خەلق پۇلى قىممىتىنى مونوپول قىلمىغانلىقىنى، ئۆتكەنكى 10 يىلدىن بۇيان خىتاي پۇلى دوللار بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، 1 دوللارغا 8.2 يۇئەن توغرا كېلىش نىسبىتىدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر خىتايغا، خەلق پۇلى قىممىتىگە بولغان مونوپوللۇقنى بوشىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى ئاز دېگەندە ٪ 40 كە يېقىن تۆۋەن تۇتقانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا شۇ سەۋەپتىن ئەرزان خىتاي ماللىرىنىڭ خەلقئارا بازىرىدا ئادىل بولمىغان ئەھۋالدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالغانلىقىنى ئەيىپلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.