خىتايدا ٪ 40 تىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى ئىقتىسادىي سەۋەبتىن دوختۇرغا كۆرىنەلمەيدىكەن
2004.11.22
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلىپ قىلىپ، خىتايدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ٪ 40 ئىنىڭ ئىقتىساد يار بەرمىگەنلىكتىن، دوختۇرغا كۆرىنەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بويان خەلقنىڭ دوختۇرخانا مۇلازىمىتىگە بولغان ئىھتىياجى بارغانسىرى ئىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق دوختۇرخانا مۇلازىمىتى ۋە دورا باھاسىنىڭ تېز ئېشىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر كىسەل بولسىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە چىقىش قىلالمايدىكەن.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىيتىلىشىچە، خىتايدا كىسەل بولغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيگەن. بىراق دوختۇرخانىغا بېرىپ كىسەل كۆرسىتەلەيدىغانلارنىڭ سانى ئەكسىنچە ئازايغان. خىتايدىكى ئاھالىلارنىڭ دوختۇرغا كۆرىنىش نىسپىتى 93 - يىلىدىكى٪ 17 تىن نۆۋەتتە ئاران ٪ 13 كە چۈشۈپ قالغان. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتەرگەنلىكىگە ھەر خىل باھا بېرىشتى
- خىتاي خەلق بانكىسى ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى كۆپەيتتى
- ئەنخۈيدە ئون مىڭدىن ئارتۇق پىنسىيىگە چىققان ئىشچى نامايىش ئۆتكۈزدى
- ياۋروپا بىرلىكى خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى
- خىتاي، خەلق پۇلى قىممىتىنى مونوپول قىلىش ھەققىدىكى ئەيىپلەشنى رەت قىلدى