سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتونىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى روبىرت ۋىسكوت، خىتاينىڭ كېلەركى ئون يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روبىرت ۋىسكوت دۈشەنبە كۈنى پورتۇگالىيىدە چىقىدىغان "جورنال دى نىگوسىيوس" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، نۆۋەتتە خىتاي ھەددىدىن زىيادە پۇل يىغىپ، ئېھتىياجدىن كۆپ كارخانىلارغا مەبلەغ سالماقتا. مۇشۇ سەۋەبتىن 2007 - يىلى ۋە يا 2014 - يىلى خىتايدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن چوڭ بىر ئارقىغا چېكىنىش بولىدۇ، دېدى.
2003 - ۋە 2004 - يىللىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى تەرەققىيات سۈرىتى 5.9 پىرسەنتكە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەققىيات سۈرىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن جىددى تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى، ئەگەر تەرەققىيات سۈرىتى ھازىرقىدەك بولىۋەرسە، بۇ پۇلنىڭ پاخاللىشىشى ۋە ئاران تۇرغان بانكا سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.