ئامېرىكا: خىتاي پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى ئىسلاھات قىلىشى كېرەك
2007.03.09
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 8 - مارتتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنرى پائۇلسون خىتاي ئىقتىسادى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى چەتئەللىك رىقابەتچىلىرىگە ئېچىۋېتىش كېرەك، دېدى.
پائۇلسون شاڭخەي پۇل ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە سۆزلىگەن نۇتىقىدا تەپسىلىي تەھلىل قىلغان بىر قاتار پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئىسلاھاتىنىڭ، خىتاينىڭ تۇراقسىز بازار ئەھۋالىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىغا پايدىسى تېگىدىكەن. ھېنرى پائۇلسون ئۆتكەن يازدا ھوقۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندا، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ،ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا " ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ" ئورنىتىشقا تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلغان ئىدى.
چارشەنبە كۈنى، ھېنرى پائۇلسون خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى ۋۇ يى بىلەن ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭدا توختاپ ئۆتكەن ۋە "خىتاي ئىسلاھاتىنى كېچىكتۈرگەنسېرى، ساغلام كاپىتال بازىرى يارىتىش ۋە ئۆز نىشانىمىزغا تەڭپۇڭلاشقان، ماسلاشقان ھالدا يېتىشىمىز شۇنچە تەسلىشىدۇ" دېگەن . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بوش ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى جەھەتتە قەدىمىنى تېزلىتىشنى ھەم مۇشۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەڭپۇڭلاشقان سودا سەھنىسى ھازىرلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ھېنرى پائۇلسون خىتاي- ئامېرىكا پۇل مۇئامىلىسىدە يىڭى بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نۇتۇقلرىدىن خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيچىلىك پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مېكسىكا، خىتايغا قارىشى ئىقتسادىي كۈرەشتە ئامېرىكا سېپىگە قېتىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي توۋارلىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويۇش قانۇنى چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ خەلقئارا سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى
- ئىككى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جۇڭگونى پۇل مەسىلىسىنى سېنتەبىردە ئاۋازغا قويىمىز، دەپ ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا تاشقى سودا دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى