خىتاينىڭ مەركەزدىكى ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىقتىسادىي مەسىلە كۆرۈلدى
2005.09.29
خىتاي مۇپەتتىش مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن ،مەركەزدىكى ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدە مالىيە مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ مەركەزدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك 32 ئورگاننىڭ 2004 - يىللىق خامچوتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ ئورۇنلار شىركەت قۇرۇش، ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، يەر- زېمىن سودىلىرىغا مەبلەغ سېلىش، قاتارلىقلار قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلاردا كۆرۈلگەن مالىيە مەسىلىسى ئون نەچچە مىليارد يۈئەنگە چېتىلىدۇ.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلق ئاۋىئاتسىيە باش شىركىتى ئۆز ئالدىغا 87 مىليون يۈئەندىن ئارتۇق پۇلنى ئايرىم سۇقىۋالغان. دۆلەتلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىر مىليارد 400 مىليون يۈئەنلىك قەرز بېرىپ، ھازىرغىچە قەرزىنى ئالالمىغان. سەھىيە مىنىستىرلىقى تىببى ئەسلىھەلەرنى باھالاشقا ئاجرىتىلغان 2 مىليون يۈئەنگە يېقىن پۇلنى قىممەت باھالىق ماشىنا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىۋەتكەن. قالغان تارماقلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۇللارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، پاي- چەك سېتىۋېلىش ۋە يەر- زىمىن سودىسى قىلىشتەك قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ نەچچە ئون مىليون يۈئەن پۇلىغا زىيان سالغان.
ئالاقىدار مۇتەخەسسسىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئالىي ھوقۇق تۇتقان ئورگانلىرىدا، مالىيە مەسىلىسىنىڭ بۇنداق ئېغىر بولۇشى، خىتاينىڭ خامچوت تۈزۈلمىسىنىڭ ئىلمىي، ئوچۇق- يورۇق ئەمەسلىكى ۋە ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىش سېستىمىسىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي مۇپەتتىش مەھكىمىسى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان ۋاقتى دەل، بېيجىڭدا خەلقئارا چېرىكلىككە قارشى يىغىن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇ يىغىندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خىتايدا ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قانۇنىي ئورنىغا قاتتىق تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.(ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چىرىكلىك خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە
- خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلارغا پايچېك بولۇشى چەكلەندى
- دىڭ جۇۋ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى تۇپراقنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى
- خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ خىيانەت قىلغان سوممىسى 10 مىليارد يۇئەنگە يېقىنلاشقان
- خىتاي ئاجراتقان مۇھىت قوغداش خىراجىتى تولۇق ئىشلىتىلمىگەن