ئىراقتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا ئاز دېگەندە 90 ئادەم قازا قىلدى
2007.02.25
شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى، ئىراقتا يەنە بىر قاتار پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 90 ئادەم قازا قىلدى. بومبا قاچىلانغان كوزۇپلۇق بىر ماشىنا، ئىراقتىكى سۈنئىي مۇسۇلمانلار مەسچىتىنىڭ يېنىدا پارتلاپ، ئاز دېگەندە 40 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى 60 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. مەزكۈر پارتلاش ۋەقەسى ئىراقنىڭ غەربىيدىكى باغداتقا يېقىن خابانىيا شەھىرىدە يۈز بەرگەن.
بۇ ئارىدا زوراۋان كۈچلەر ، باغدات ئايرۇدۇرۇمىنىڭ يېنىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 8 نەپەر ئىراق ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، توقۇنۇش داۋامىدا ئاز دېگەندە زوراۋان كۈچلىرىدىن ئىككىسى ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، باغداتتىكى ئىران ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا ماشىنا پارتىلتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ، ئىراق ساقچىلىرى يەنە باغداتتىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش خارەكتىرلىك پارتىلتىش ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 40 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 30 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقتا يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشلاردىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئىراق مىنىستىرى نۇرىي ئەل مالىكى": باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن كېيىن، مەزھەپلەر ئارسىدىكى ئۆلتۈرۈش، گۆرەگە ئېلىش ھەرىكەتلىرى خېلى ئازايدى" دىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە، كۆپلىگەن قوراللىق كۈچلىئىرنىڭ باغداتتىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر 426 نەپەر قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇماندارلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىلىگەن ئىدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ھەربىي قوماندانلىق شىتابى، ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىق ھەركەتلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)