ئىراق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى


2004.12.24

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوشيار زابارى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنى ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئويناشقا چاقىردى. زابارىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى بەش كۈن داۋاملىشىدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايلار بىلەن خىتاينىڭ كۈنسىرى ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئىھتىياجى ھەققىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زابارى، ئىراقنىڭ ئالاقە ئەسلىھەلىرى، قاتناش - ترانسىپورت ۋە سەھىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئىھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. زابارى، خىتاي شىركەتلىرىنى ئىراقتىكى تىجارەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىپ، ئىراق تارىخىدىكى ئەڭ مۈشكۈل دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نېفىت ئېنېرگىيە مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارە ئېلان قىلىنمىدى. بىراق، رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتايلارنىڭ سادام ھۈسەيىن دەۋرىدىن كېيىنكى ئىراق دائىرىلىرى بىلەن نېفىت ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتە خىتايلار ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نېفىت ، تەبئىي گاز ئېنىرگىيىسىنىڭ 3 دەن بىرىدىن كۆپرەكىنى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىدۇ. خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى چىققان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭەشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

ئىراقتىكى خىتاي شىركەتلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىشغالىيىتىدىن كېيىنكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلەر ، زوراۋانلىق ۋەقەلەر شۇنداقلا گۆرۈگە ئېلىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا ئىراققا قايتقان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.