شەنشىدە 10 مىڭدىن كۆپ ئىشچى ئىش تاشلىدى
2004.09.15
شەنشىدىكى بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ 10 مىڭدىن ئوشۇق ئىشچىسى چارشەنبە كۈنى، مەزكۈر زاۋۇتنىڭ خوڭكوڭدىكى بىر شىركەت بىلەن بىرلىشىشىگە نارازى بولۇپ ئىش تاشلاپ نامايىش قىلدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىش تاشلاش ھەرىكىتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىيەنياڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، نامايىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئىشچىلار مەزكۈر زاۋۇتنىڭ خوڭكوڭدىكى بىر شىركەت بىلەن بىرلىشىش شەرتلىرىگە رازى بولمىغان.
نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىشچىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما زاۋۇت تەرەپ ئىشچىلار بىلەن كېلىشىشنى رەت قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، دەسلەپ 3 مىڭ ئىشچى سەيشەنبە كۈنى نامايىشنى باشلىغان بولۇپ، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى نەق مەيداندا بۇنى باشتىن-ئاخىر كۈزىتىپ تۇرغان. ئەمما ھېچقانداق توقۇنۇش كۆرۈلمىگەن. (پەرىدە)