سىچۇەندە نەچچە مىڭ ئىشچى ئىش ھەققىگە نارازى بولۇپ ئىش تاشلىدى
2008.02.26
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ -26فېۋرال ئېلان قىلىشىچە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى،خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى سەنتەي ناھىيىسىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق گۇرۇھىغا قاراشلىق بىر توقۇمچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بىراقلا ئىش تاشلىغان.
سەنتەي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىمىنىڭ رادىئو مۇخبىرىغا سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، مەزكۈر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ نەچچە مىڭ ئىشچىسى ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى، مال باھاسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئىش تاشلىغانلىقىغا ئۈچ كۈندىن ئاشقان بولۇپ، زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرى " قولىمىزدا پۇل يوق، ئەمما مال باھاسى ئۆرلەۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، مائاشىمىزنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز " دەپ چىڭ تۇرغان.
بۇ خادىم يەنە، مەزكۈر توقۇمىچىلىق زاۋۇت تارماقلىرىنىڭ ئىشچىلارنىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم مال باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق پىكىرىنى قوبۇل قىلىپ مائاشىنى ئۆستۈرۈشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە،ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزا ياشلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن خىتاينىڭ يېزا - ناھىيىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
گەرچە زاۋۇتلار يۇقىرى مائاش ھەم تەمىناتلارنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشچىلىققا بارغان ئۇيغۇر قىزلار تۆۋەن مائاش بىلەن ئېغىر ھەم ئۇزاق ئەمگەككە تۇتۇلماقتا ئىكەن، ئەمما ئۇلار تىل ۋە مۇھىتقا يات بولغانلىقى سەۋەبلىك نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەم قارشىلىق بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس بولۇپ، تۈرلۈك ھەقسىزلىكلەرنىڭ قۇربانى بولماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇاڭجۇدا 4 مىڭ كىشى ئىش تاشلاپ يوللارغا توساقلارنى قۇردى
- خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھەق تەلەپلەرنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال
- خىتاي زىيالىيلىرى ھۆكۈمەتتىن خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى
- خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تولۇق دېموكراتىيە تەلىپى رەت بولدى
- خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى دۇڭجۇ كەنتىگە ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇردى
- نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار توپىلىڭى يۈز بەردى
- بېيجىڭ دائىرىلىرى، خىتاي زىيالىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا رۇخسەت بەرمىدى
- بېيجىڭ ساقچىلىرى ئەركىن قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىلىشىنى باسىتۇرۇشى مۇمكىن
- خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئاتتى
- خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل تۈردە يۈز بەرمەكتە
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە ئېلىش ئىشلىرى مەۋجۇت