بىر خىتاي ئىشچىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى
2004.09.23
چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خېلۇڭجىياڭ ئۆلكىسىدىن بېيجىڭغا ئىش ئىزدەپ كەلگەن ۋاڭ ۋۇ ئىسىملىك 32 ياشتىكى بىر خىتاي ئىشچىسى، بېيجىڭدىكى بىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن . خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە دە ھەم مەزكۇر ئىشچى ھەمدە ئۇنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بىر بىخەتەرلىك خادىمى قاتتىق يارىلانغان
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ ۋۇ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ , ئۈستىگە بېنزىن تۆكۈپ, ئوت قويغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىغا، ئۇنىڭغا ئىش تىپىپ بېرىشى ئۈچۈن 2000 يۈەن پۇل بەرگەن ئىكەن . گەرچە مەزكۇر ئىدارە ئۇنىڭغا ئىش تىپىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۈچ كۈندىن كىيىن ئىشتىن بوشىتىلغان . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسى ۋاڭنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش تەلىپىنى رەت قىلغان . (قانات)
- شەنشىدە 10 مىڭدىن كۆپ ئىشچى ئىش تاشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىگە قارشى چىققان ئىككى كىشىنى تۈرمىگە تاشلىدى
- خىتاي ساقچىلرى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارنىڭ رەھبىرىنى قولغا ئالدى
- فۇجىيەن دېھقانلىرى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى
- بېيجىڭدا خىتاي دېھقانلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- ئالتە ئايال جۇڭنەنخەينىڭ ئەتراپىدا چېرىكلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى