2005 - يىلى خىتايدا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالىدۇ

خىتاي دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى٪ 19 كە يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭمۇ ئالدىدا بولغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى 3،380،000 غا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار مەكتەپ پۈتتۈرۈش بىلەنلا ئىشسىز قېلىش ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە.

مەزكۇر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي بويىچە ئالى مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2004 - يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا 580 مىڭ نەپەر ئارتۇق بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى ٪ 20 تىن ئاشقان. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالى مەكتەپلەردە يۈرگۈزىلىۋاتقان كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى يىلدىن- يىلغا شىددەتلىك ئۆرلەپ، جەمىيەت ئىھتىياجىدىن ھالقىپ، ئېغىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن نۇرغۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى "غەربكە ياردەم قىلىش" باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى ئوبلاست ۋە ناھىيەلەرگە تەقسىم قىلىنىپ ،مەزكۇر رايوننىڭ مائارىپ، سەھىيە، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلىرىدە ئىشلىمەكتە. ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىۋاتقان تېلەفونلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشى مەزكۇر رايوننىڭ ئۆزىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش مەسىلىسىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماقتا. (مېھرىبان)