خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى 15 مىليون ئادەمگە ئىش تېپىپ بېرەلمەيدۇ
2006.12.08
'فرانسىيە ئاگېنتلىقى' نىڭ 8 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ يىل ئىقتىسادىي كىرىم بۇلتۇرقىدىن 10.7% ئاشتى دەپ ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كېلەر يىلى 15 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرەلمەيدۇ.
'خەلق گېزىتى' نىڭ پەرەز قىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 820 مىڭ نەپەر ئاسپىرانت بار. كېلەر يىلى شەھەرلەردىكى 10 مىليون كىشىلىك ئىش پۇرسىتىنى يېزىلاردىن كەلگەن 25 مىليون ئادەم تالىشىدۇ.
خىتاي ئىقتىسادىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2007 - يىلىدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 120 مىليون ئادەم شەھەرلەرگە كىرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئىنتايىن چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ.(ۋەلى)
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خاڭجۇدا 3000 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچى نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتايدىكى 4 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا
- چوڭچىڭ تېگاڭ ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى باستۇرۇلدى ۋە ئىككى ئادەم ئۆلدى
- 2005 - يىلى خىتايدا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالىدۇ
- خىتاي يېزىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار يەنە ئوقۇشتىن توختاپ قالماقتا