خىتايدا بۇ يىل 24 مىليون ئادەم ئىشسىزلار سېپىگە قوشۇلىدىكەن

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ 13 ‏- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىر مىنىستىر خىتاي ئىشسىز قالغان ئادەملىرىگە بولۇپمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلارغا خىزمەت تېپىپ بېرىشتە ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى تيەن چېڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتاي شەھەرلىرىدە ئىش ئىزلىگۈچىلەرنىڭ سانى 24 مىليون بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇلارنىڭ پەقەت يېرىمىنىلا خىزمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.

تيەن چېڭپىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئانالىزىمىزغا قارىغاندا، كەلگۈسىدە ئىش تېپىشقا بولغان بېسىم تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىدۇ".

تيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى ئىش ئىزلىگۇچىلەرنى يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن 5 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، يېزا-قىشلاقلاردىن شەھەرگە خىزمەت ئىزلەشكە سەلدەك ئېقىۋاتقان دېھقانلار ۋە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت-كانلاردىن بوشىتىۋىتىلگەن ئىشچىلار تەشكىل قىلىدىكەن.

2006- يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتايدا ئەنگە ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى 4.1 پرسەنت بولۇپ، 2005 ‏- يىلىدىكى 4.2 پېرسەنتتىن ھېچقانچە تۆۋەنلىمىگەن.

خىتايدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئۆلچەشتە پەقەت شەھەر ‏- بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئايرىم قىسمىنىلا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغاندىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

تيەن چېڭپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 1. 2 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خىزمەت تاپالمىغان. ئۇنىڭغا يەنە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان 4. 95 مىليون ئوقۇغۇچى قوشۇلسا 6 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىشسىز قالىدىكەن. (جۈمە)