تەيۋەن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىرىدىكى خىتاي سۆزىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى


2004.12.06

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، تەيۋەندىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالمىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىركەت ئىسىملىرىدىكى خىتاي دىگەن سۆزنى چىقىرىۋىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن يەكشەنبە كۈنى تەيبېيدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تەيۋەندىكى شىركەتلەرگە ئىسىملىرىدىكى خىتاي دىگەن سۆزنى ئېلىۋىتىشى ئۈچۈن ئىككى يىل ۋاقىت بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىدا تاشلىغان يەنە بىر قەدىمى دەپ تەبىر قىلىنىشى مۇمكىن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىسمى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە قويۇلغان. خىتايدىكى ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەن كۈچلۈك بىر خىتاي كىملىكىنى تەشۋىق قىلغان.

لېكىن تەيۋەندە ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى تەيۋەننىڭ يەرلىك خەلقىدىن تەشكىل تاپقان، چېن شۈيبيەننىڭ ئىلغارلىق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بىشىغا كەلگەندىن بىرى، يېڭى بىر تەيۋەنلىك كىملىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن تەيۋەندىكى بۇرۇنقى خىتاي رەسمى سىمۋوللىرىنى ئاستا-ئاستا بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى تەيۋەننىڭ مىللىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سىمۋوللارنى قوبۇل قىلماقتا.

خىتاي رەھبەرلىرى ھەمدە تەيۋەندىكى خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى ياقىلايدىغان خىتايلار، چېن شۈيبيەننى خىتاينى تەيۋەندىن پۈتۈنلەي ئايرىش يولىغا ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.