تۇڭگانلار ئىسلامغا قارشى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

نىڭشىيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۇڭگانلار، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئىسلامغا قارشى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،كۈچلۈك دىنىي ئېتىقاتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تۇڭگانلار خىتايدىكى تېررورزىمغا قارشى كۆرەشنىڭ ئىسلامغا قارشى كۆرەشكە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ۋەھىمە ھىس قىلىدىكەن.

خەۋەردە، نۇرغۇن تۇڭگانلارنىڭ ھازىرغىچە 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوساما بىن لادىننى بىر قەھرىمان دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە بۇ تۇڭگانلار ئىسلامنى كۈچلۈك قوغداپ، ئۆزلىرىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولغان پەرقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىيتىلىشىچە، بۇنىڭ بىر سەۋەبى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشنى خالايدىغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېرۋىسىغاقاتتىق تىگىدىكەن. ھالبۇكى تۇڭگانلاردا بۇنداق مەسىلە مەۋجۈت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپرەك دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىدىكەن. (ئارزۇ)