يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىدىن بۇ يىل خىتاي 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق قىش پەسلىگە دۇچ كەلگەن.
خىتاي مېترولوگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2006-يىلى دېكابىردىن، 2007-يىلى فېۋرالغىچە پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى مىنۇس 2.4 سىلسىيە گىرادۇس بولۇپ، 1998-1999 يىلدىكى مىنۇس 2.3 سىلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغان.
خىتاي مېترولوگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سوڭ ليەنچۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىشتا تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يېزا ئىگىلىكىگە ناھايىتى پايدىسىز ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ يىل قىشتىكى تېمپېراتۇرا يۇقىرىلىقى راستىنلا يېزا ئىگىلىكىگە تەسىر كۆرسەتسە، بۇ ھادىسە خىتايدىكى 800 مىليون دېھقاننىڭ تۇرمۇشىغا ئوڭۇشسىزلىق تۇغدۇرىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بۇ يىل قىش پەسلىدىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھاۋا كېلىماتىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھەتتا شامال ئېغىزلىرىدا پويىز ئۆرۈلۈپ ئۆلۈم ھادىسىلىرىمۇ يۈز بەرگەن. (جۈمە)