جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى
2004.10.31
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى خوڭ خۇ ئۆلكە رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭخۇنىڭ ئورنىغا ۋاڭ مىڭنى مۇۋاققەت ئۆلكە رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خوڭخۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدا ھىچقانداق خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خوڭخۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى ئۇنىڭ ئۆلكە رەئىسى مەزگىلىدىكى جىلىن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جىلىن شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 53 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خوڭخۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، جىلىن خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىغان. 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جىلىن شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن ئىستىپا بېرىش خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي مەدىنىيەت ئەنئەنىسى بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال دەپ قارالماقتا. 1990 - يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراماي شەھىرىدىكى بىر كۇلۇبقا ئوت كېتىپ، كۇلۇب ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلغان 300 دىن ئارتۇق كىشى كۆيۈپ ئۆلگەن. ئەينى چاغدا كۇلۇب ئىچىدىكىلەر خىتاي تارىخىدىكى 9 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋاتاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن كۇلۇب باشقۇرغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنى قولغا ئالغان. بىراق قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھىچقانداق بىر رەھبىرى كادىر خەلق ئاممىسىدىن كەچۈرۈم سورىمىغان، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمىگەن ۋە ياكى ئۇلارنىڭ جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن. (ئەركىن)