سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا زەھەرلىك بېنزول ئېقىپ كىرىپ كېتىش ۋەقەسى خىتايدا جىددى تالاش تارتىش قوزغىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيىدىن ئەپۇ سورىغاندىن كېيىن، خىتاي مەملىكەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شيې جىنخۇا جۈمە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شيې جىنخۇانىڭ ئورنىغا خىتاي دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ شىڭشيەن مۇۋاققەت باشلىق بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئەمما شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى شيې جىنخۇانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرمىدى. بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جىلىن شەھىرىدىكى بىر نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسى ۋەقەنىڭ مۇھىتقا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دائىرىلەر ۋەقەنى 10 كۈن يوشۇرغاندىن كېيىن، 23 - نويابىردا خاربىن شەھىرى بويىچە 4 كۈن سۇ توختايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ جەرياندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن زاۋۇتتىن 100 توننا بېنزول سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا ئېقىپ كىرگەن. بۇ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا تەسىر كۆرسىتىپ، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ رۇسىيە دائىرىلىرىدىن ئەپۇ سورىدى.
" جوڭگو گېزىتى"نىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۈيچىڭ جىلىن ئۆلكە دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ " زىياننى كونترول قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋەتتى" دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)