خوڭكوڭ مەتبۇئاتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇڭ جۈگە يېقىندا ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەققىدە دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇ پات ئارىدا مۇشۇ سەۋەبتىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
خوڭكوڭدا ئېنگلىزچە چىقىدىغان " جەنۇبىي جۇڭگو سەھەرلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 68 ياشقا كىرگەن خۇاڭ جۈ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىر قەدەر خەتەرلىك ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەر ھەققىدە بىر نېمە دىيىشنى رەت قىلدى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر خۇاڭ جۈ خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ يېقىنى بولۇپ، ئانالىزچىلار، ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، ئۇ ھالدا خۇاڭ جۈنىڭ ئىستىپا بېرىشى خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خۇاڭ جۈ يەنە خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى مالىيە-ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن. خەۋەردە يەنە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، خۇاڭ جۈنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈنمىگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. (پەرىدە)