خىتاي دائىرىلىرى دۇڭجۇ كەنتىگە ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇردى


2007.12.26

خىتاي دائىرىلىرى گۇاڭدۇڭنىڭ شيەنۋېي شەھىرى دۇڭجۇ كەنتىگە ساقچى قىسىملارنى يۆتكەپ كېلىپ، پۇقرالارنى مەزكۇر كەنتتىكى تىرىكچىلىك قىلىدىغان يەر ‏- زېمىنغا ئېلېكتىر ئىستانسىسى سېلىش قۇرۇلۇشىغا قارشى يەنە ئىسيان كۆتەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر چارشەنبە كۈنى سەھەردە كانايلىق تەشۋىقات ماشىنىلىرىنى دۇڭجۇ كەنتىگە ئەۋەتىپ، پۇقرالارنى نامايىش قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغاندىن سىرت، قوراللىق ساقچىلار ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بارىدىغان پۈتۈن يوللارنى قامال قىلغان شۇنداقلا دۇڭجۇ كەنتى ئەتراپىدا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار كۆپىيىپ كەتكەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىر نەپەر مۇخبىرنىڭ دۇڭجۇدا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ساقچى پونكىتىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە بىر سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ساقچى ماشىنىسىدا شيەنۋېي شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ دۇڭجۇغا 2 - بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارنى خالىغانچە زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

شيەنۋېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ باياناتچىسى ليۇ جىنماۋ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۇڭجۇنى بىخەتەرلىك رايونى، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسى بۇ رايوندا ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەرلىك پۇقرالار رادىئومىزغا دۇڭجۇدا بىرەر مىڭدەك ساقچى كۆزەتكۈچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى چىققان يەرلىك پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.