ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى تالانتلىق خادىملار زور دەرىجىدە كەمچىل بولۇشتەك جىددىي مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1980 - يىلىدىن بۇيان، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى بىر مىليوندىن ئاشقان ھەمدە بۇلارنىڭ 3 تىن ئىككىسى ئۆز ۋەتىنىگە قايتماي، چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2002 - يىلىدىن بۇيان، گەرچە يىلىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىۋاتقانلار پەقەت 20 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەسئۇلى "دۆلەت نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ چەتتە ئوقۇتقان تالانتلىق ئادەملىرىمىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قايتىپ كەلمەسلىكى دۆلەت تەرەققىياتىغا زور زىيان ئېلىپ كەلمەكتە" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)