خىتاي ئامېرىكىدىكى ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرىنى بارغانسىرى كۈچەيتكەن.

ئامېرىكا دەۋر دورنىلىنىڭ ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئىلغار پەن - تېخنىكىلارنى ئېچىش رايونىدا ئىشپىيونلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش دىلولىرى ھەر يىلى ٪ 30 ئەتراپىدا كۆپەيمەكتە.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىق بىر جۇپ ئەر- ئايال، 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرىنى خىتايغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغىنىدا قولغا ئېلىنغان. بۇ يۇمشاق دېتاللار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ياخشىلاشتا ئىشلىتىلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىدىكى 3000 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ خىتايغا ئاخبارات توپلاپ بېرىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى ئاخباراتلارنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە نەچچە يۈز خادىملىرىنى ھەر قايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. (ئارزۇ)